ئۈرۈمچىدە 100 نەپەر ئايال تەشۋىقاتچى پارتىيىنىڭ «ئەۋزەل» سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى مەخسۇس ئايال تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيىلەش ئارقىلىق مۇقىم جەمئىيەت يارىتىشنى كۆزلىمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن تاللانغان 100 نەپەر ئايال تەشۋىقاتچىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ بىر تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان. بۇ ئاياللارغا كۇرستا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار بويىچە تەلىم بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېنىق قىلىپ «بۇ ئاياللار ئاساسىي قاتلامغا قايتقاندىن كېيىن يۇرتداشلىرىغا پارتىيىنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات-ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىشقا بەل باغلىدى» دەپ يېزىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا بۇ خىل مەزمۇندىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ھەر خىل تۈرلەردە، ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بارماقتا. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆيلىرىگە قايتقان «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەشۋىقات سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ئارتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇ خىل سىياسەتلەرنى «مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار» دەپ تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇق تەشۋىقات ئورنىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن مۇقىملىق يارىتالايدۇ» دېدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت