خىتاي ئاۋىئاتسىيە دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى كۆرگەزمىگە تېخىمۇ كۆپ ئادەم كېلىشنى كۈتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي 20-25-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى»گە تېخىمۇ كۆپ چەتئەل ۋە ئىچكىرى خىتاي شىركەتلىرى ھەم زىيارەتچىلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز تەشۋىقاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مەخسۇس ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كۆرگەزمە مەزگىلىدە، 1190 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، 200 مىڭدىن كۆپرەك ئورۇن بىلەن تەمىنلەشنى، بېلەت سېتىۋېلىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە يىغىن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ ئىلگىرىكىدەك كۈچەيتىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كۆرگەزمە مەزگىلىدە سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئاساسلىق مۇھىم يوللىرىدا يۈرۈشنى چەكلەيدىغانلىقى، باشقا ئۆلكە، شەھەر ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ پەقەت مەخسۇس رۇخسەت كىنىشكىسى بېجىرىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇمكى،2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە كېيىن بىر قىسىم جايلاردا يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋە قارشىلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەم باشقا تۈرلۈك مۇراسىم جەريانلىرىدا ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايلاردىكى ۋە ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق قاتناش ئورۇنلىرىدىكى نازارەت ھەم بىخەتەرلىكنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت