ئۈرۈمچى-لەنجۇ تېز سۈرئەتلىك پويىز يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

26‏-دېكابىر كۈنى، تېز سۈرئەتلىك ئوقسىمان يولۇچىلار پويىزى لەنجۇ-ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قاتناشقا باشلىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا، تېز سۈرئەتلىك بىر يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا قاراپ يولغا چىققان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر تېز سۈرئەتلىك پويىز لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان.

خىتاي ئاخباراتى «تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتنىشى مۇساپىنى قىسقارتىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى بىر-بىرىگە زىچ باغلايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، تېز سۈرئەتلىك پويىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مۇھىت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ زور ئېغىرچىلىق سالىدىكەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۈرۈمچى-لەنجۇ ئوقسىمان تېز سۈرئەتلىك پويىز سائىتىگە 250 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى-لەنجۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە 12 سائەت قىسقارغان. 2017‏-يىلى بېيجىڭ-لەنجۇ ئوقسىمان تېز سۈرئەتلىك پويىز يولى تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر بۇ يول تۇتاشتۇرۇلسا، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى 41 سائەتلىك مۇساپە، 16 سائەتكە قىسقىرايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت