ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر نوپۇسى 3 يىلدا 78 مىڭ كېمەيگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018-يىللىق نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى نوپۇسى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى 287632 گە چۈشكەن؛ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 2014-يىلى 365638 بولۇپ، ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە 78006 نوپۇس كېمىيىپ كەتكەن.

ئىستاتېستىكا جەدۋىلىدىن يەنە بايقىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى كېمىيىشى تەڭرىتاغ رايونىدا گەۋدىلىك بولغان. تەڭرىتاغ رايونىنىڭ 2014-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 177607 بولۇپ، بۇ سان نۆۋەتتە 128423 كە چۈشكەن، يەنى 49184 جان كېمەيگەن. خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇسقا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن ھەيدىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە شۇ چاغدىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىدا بۇ دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولمىغان. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 21.33% تۆۋەنلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتچى تاھىر ئىمىننىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچىدە لاگېر ئۈچۈن تۇتۇلغانلار ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۈرۈمچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ناخشىچى زاھىر شاھ ئابلىمىتنىڭ ئاتۇشتىكى 5-لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

تولۇق بەت