27-ئاۋغۇست، «8-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، بىر ئادەم ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئوت ئاپىتىنىڭ شۇ كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12:30 دا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوت ئاپىتى زاۋۇت رېمونت قىلىنىۋاتقاندا كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن خىتاي ئاخبارات خەۋەرلەردە، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى، ئۆلگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 2 كىشىنىڭ مىللىتى ۋە كىملىكىگە دائىر باشقا ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن.
«8-ئاۋغۇست» پولات تۆمۈر زاۋۇتى شاڭخەي باۋگاڭ پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ تارماق زاۋۇتى ئىدى.
مەزكۇر زاۋۇت 1951-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قارايتتى.
مەزكۇر زاۋۇت 1953-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. زاۋۇتنى 2007-يىلى شاڭخەي باۋگاڭ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئوت ئاپىتىنىڭ بىر سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرىۋېلىنغانلىقى، نۆۋەتتە ئالاقىدار دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.