ئۈرۈمچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا مىڭ نەپەر خالىس «كۆزەتكۈچى» قوبۇل قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچىدىكى قاتناش دائىرىلىرى 23-ئىيۇل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوبۇسلاردا بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارنى تىزىمغا ئېلىشقا باشلىغان.

شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر ئۈرۈمچىدىكى 142 لىنىيىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلاردا قاتنايدىغان كىشىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلار كۈنىگە ئەڭ ئاز دېگەندە 2 قېتىم ئاپتوبۇستا قاتنىشى، تېنى سالامەت بولۇشى، ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ كىشىلەرگە ئايدا 120 قېتىم ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرۇش كارتىسى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر خىتايدىكى بوشۇن تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. بەزى ئىنكاس يازغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ماي ئېيىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىنى خالىسانە ئۇچۇر يىغىش، گۇمانلىق ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىمۇ تېررورلۇقنىڭ، جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خالىسانە ئامانلىق تەكشۈرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

خەۋەردىن قارىغاندا، كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا خالىسانە كۆزەتكۈچىلەرنى قويۇش خىزمىتى 7-ئاينىڭ بېشىدا سىناق قىلىنىپ ئۈنۈم قازانغاندىن كېيىن يەنە 1000 مىڭ نەپەر ئاكتىپنى قوبۇل قىلىش قارارلاشتۇرۇلغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا كۈيتۇن قاتارلىق شەھەرلەردىكى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قاتارىدا شەھەردىكى بارلىق سەرەڭگىلەرنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت