ئۈرۈمچىدە 5G تور قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، 31-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5-ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىلىچىلىقى، يەنى 5G تور قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى خىتاي بويىچە 5G تور دەۋرىگە كىرگەن دەسلەپكى 50 شەھەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىقى بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ قارارى بىلەن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭلا يانفون تور سۈرئىتى ئاستىلىتىپ، 4-ئەۋلادتىن 3-ئەۋلادقا، يەنى 4G دىن 3G غا چۈشۈرۈلگەن ئىدى. 

شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە دائىرىلەر يەنە «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتىرنېت ۋە يانفون قوللانغۇچىلىرىغا قاراتقان نازازەتنى مىسلىسىز كۈچەيتكەن. 2017-يىللاردىن باشلاپ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۈندىداردا ھەمبەھىرلىگەن ئادەتتىكى يوللانمىلىرى، تېلېفون ئالاقىلىرى ۋە قول تېلېفونىدا كۆرگەن ۋىدېيولىرى قاتارلىقلارنىڭ باھانە قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماشنى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنى مۇتلەق كونترول ئاستىغا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئىنتىرنېت تور سۈرئىتىنى ئۆرلىتىشى دىققەت قوزغايدىكەن. 

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى 5G تور قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 16 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە كېڭەيتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت