ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى سېئۇلغا يېتىپ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنس يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ھىندونېزىيە،ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئەللىرىگە قاراتقان ئون كۈنلۈك رەسمى زىيارىتىنى باشلىدى. مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پېنس سېئۇلدا ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە چېركوۋغا بېرىپ، پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە باشقا بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ئالى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشمەكچى.

مايىك پېنسنىڭ جەنۇبى كورىيە سەپىرى شىمالى كورىيەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق راكېتا سىنىقىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر راكېتا سىنىقى شەنبە كۈنى شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى پىيوڭياڭدا زور كۆلەمدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابى شىمالى كورىيەنىڭ راكېتاسى قويۇپ بېرىلىش بىلەن تەڭلا پارتلاپ كەتكەنلىكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىر بۇ راكېتانىڭ تىپىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پىيوڭياڭنىڭ مەزكۇر راكېتا سىنىقى مەغلۇپ بولۇپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن سېئۇلغا يېتىپ كەلگەن.

مايك پېنس ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ياپونىيە زىيارىتىنى باشلايدۇ ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلار، جۈملىدىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.

مەلۇمكى، شىمالى كورىيەنىڭ ئىزچىل يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى جەنۇبى كورىيە ۋە ياپونىيەگە بىۋاسىتە تەھدىت پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسى كۈچەيگەندە، پىيوڭياڭ سېئۇلغا يەنە تەھدىت سېلىش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت