ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتقان

مۇخبىرىمىز سادا
2018-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندە يوقاپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىسىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلاتقان.

17-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ «سېدنىي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە ئۇلارنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان سۈرەتلىك مەخسۇس ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە شۇ يەردە ياشاۋاتقان 12 ئۇيغۇرنىڭ يوقاپ كەتكەن ياكى تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدە شاھىتلىق بەرگەن يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىكى «ئەركىن تۇرمۇشنى ئىزدەپ مىڭ تەسلىكتە ۋەتەندىن يېنىپ چىقىشى، ۋەتەندە قېپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى، خەتەرلىك ۋەزىيەتنى مەخپىي خەتلەر ياكى ئۈچىنچى تەرەپ باشقۇرىدىغان ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشى» قاتارلىق ئورتاق نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاپتورى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى، دىنىي تۈسكە ئىگە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى، ساقال-بۇرۇت قويۇشنى چەكلىشىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رايوندىكى كۈچلۈك تەقىب سىستېمىسى، كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئورنىتىلىشى قاتارلىقلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك خىتاي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئاۋسترالىيە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنكاسسىز تۇرۇۋالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاۋازى يېتەرلىك يۇقىرى بولمىدى. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى قورقۇنچاقلىق دەپ چۈشىنىدۇ. ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئانچە قىزىقمايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت