خىتايدا 2017-يىلى تېلېفون، ئىنتېرنېتلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىش ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەلق تورىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە 1-فېۋرالدىن باشلاپ، پۈتكۈل خىتاي بويىچە مۇقىم تېلېفون ۋە كۆچمە تېلېفونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ كىملىك بويىچە تىزىملىتىش ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ كىملىك بويىچە تىزىملىتىشى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە پۈتكۈل خىتاي بويىچە يولغا قويۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ۋىكىپىدىيادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ كىملىك بويىچە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىنىشى 2012-يىلدىن باشلاپ خىتايدىكى بىر قىسىم رايونلاردا يولغا قويۇلۇشقا باشلاپ، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە پۈتۈن خىتايدا ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ئۇقتۇرۇلغان. ئىنتېرنېتنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىش لايىھەسى 2015-يىلى 6-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قاراردىن ئۆتۈپ، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش ئېلان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان تېلېفون ئالاقىسى ۋە ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوندا قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇرلارنى يوللىغان، ھۆكۈمەت چەكلىگەن خەۋەرلەرنى كۆرگەن ۋە تارقاتقان دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

تولۇق بەت