بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 160 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 160 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ مەبلەغلەرنىڭ 55 پىرسەنتكە يېقىن قىسمى 223 خىل چوڭ تىپتىكى قورۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇلار ئۈرۈمچى ئايروپورتنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، جۇڭغار ئويمانلىقىدىن باشلىنىدىغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدا تېخىمۇ دىققەت ئارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا قالغان 80 مىليارد يۈەن مەبلەغنىڭ 66.5 مىليارد يۈەن قىسمىنىڭ قوش تىللىق يەسلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى، قالغان قىسمىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە ئىلمە - توقۇمىچىلىق سانائىتىگە سەرپ قىلىنىدىغانلىقىدا.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنى بىر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 2020 - يىلىغىچە قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقى، بۇ يىل يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەنە 10 مىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىل سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۈچلۈك ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتىلىدىغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىۋېتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاپتورلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى كىرگۈزگەن. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت