«ئۇيغۇر ئاشخانىسى» ناملىق تاماق ئاپتوموبىلى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان بوستۇندا مەلۇم ئاساس تىكلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بوستۇندىكى ئۇيغۇر ياش پەيزۇللا پولات باشلىغان ئۇيغۇر تاماق سودىسىنىڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى ۋە سودىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

20 - ئاپرېل، «munchies.vice.com» تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە تەپسىلىي خەۋەرگە قارىغاندا، پەيزۇللا باشلىغان «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» ناملىق تاماق ئاپتوموبىلى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان بوستۇندا مەلۇم ئاساس تىكلىگەن.

بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇنىڭ سودىسى ياخشىلىنىپ ماڭغان كىرىمىمۇ ئاشقان.

ھالبۇكى، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى سورىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما تاقام ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما شۇنداقتىمۇ، خەۋەر ئاپتورى ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىقى مىللەت ئىكەنلىكى، كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا ئەڭ كوپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىلەرگە تاشلايدىغانلىقى بايان قىلغان.

پەيزۇللا پولات باشلىغان «ئۇيغۇر ئاشخانىسى» ناملىق تاماق سېتىش ئاپتوموبىلى ئامېرىكىدا باشلانغان شۇ خىلدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تاماقلىرىنى سېتىش ئاپتوموبىلىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت