ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللارغا قارىتا تەشۋىقات - تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر رايونىدا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش» نامى ئاستىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات - تەرغىبات پائالىيەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە ئاياللارغا قارىتا تەشۋىقات - تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقى، بەلكى بۇ تەشۋىقات - تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 2015 - يىلى «مىليون ئايالغا لېكسىيە سۆزلەش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردا تەشۋىقات - تەرغىبات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.

«خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو تورى»نىڭ خەۋرىدە، بۇ خىل تەشۋىقات لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسەتلىرى قاتارىدا ئايالارنىڭ «ئۆزلىكىدىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا ئۆزلىرىنىڭ يەڭ ھەسسىسى قوشۇش» ئىدىيەسىنى تىكلەش ئورۇن ئالغان.

«تەڭرىتاغ تورى»دىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم تەشۋىقات - تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئايال تەشۋىقاتچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ۋە باشقا جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇلغاندىن تاشقىرى يەنە 2015 - يىلى 11 - ئايدا 140 نەپەر تايانچ تەشۋىقاتچى ئۈرۈمچى قىزلار كەسپى مەكتىپىدە «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش»، «ئانىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن.

2015 - يىلى، «مىليون ئايالغا لېكسىيە سۆزلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئايال تەشۋىقات ئەترىتى 1485كە، ئايال تەشۋىقاتچى 9656 نەپەرگە يەتكۈزۈلگەن.

«جۇڭگو مەركىزىي خەلق رادىئو تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەشۋىقاتچىلار 42 مىڭ مەيدان لېكسىيە سۆزلىگەن. بۇ لېكسىيەلەردىن مەنپەئەتدار بولۇش 4 مىليون 982مىڭ ئادەم قېتىم غا يەتكۈزۈلگەن .

ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش پائالىيىتىدە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجابلىنىشنى ئۆز ئىچىگە كىيىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ۋە باشقىلارمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت