زىمىستان: «ئۇيغۇر ئاياللىرى جازالىنىۋاتىدۇ، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار ئۇلارنى قوللامدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

12-ماي كۈنى ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقى، لېكىن دۇنيادىكى فەمىنىست يەنى ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكەتلەرىنىڭ بۇ تراگېدىيەگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى. ماقالىدە، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنىپ قورقۇنچلۇق تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» ئەسكەرتىلىپ، لېكىن بۇنى «غەربتىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار (فەمىنىستلەر) نېمىشقا كۆرمەسكە سالىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان.

«ئۇيغۇر ئاياللىرى جازالىنىۋاتىدۇ، فەمىنىستلەر ئۇلارنى قوللامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس قەلەمگە ئالغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار توي قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا پۈتكۈل ئايال جىنسىغا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر قان سىستېمىسىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشىنىستىن باشقا ئامال يوق. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەمدى ئۇيغۇر بالىلىرىنى تۇغۇپ بېرەلمەيدۇ. ئەمدى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار تۇغۇلمايدۇ. خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاپتوماتىك تۆمۈريول رېلىسىغا باغلاپ قويۇلدى» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قۇللۇققا تۇتقان بىر مەزگىلدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللار ھەقىقىي مەنىدە ۋە قۇربان بېرەلەيدىغان شەكىلدە بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ئۈچۈن ئاتلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ب د ت سېتىۋېلىندى. ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبەرلىرى سۈكۈت قىلماقتا. خوللىۋۇد خىتاينىڭ پۇلى بىلەن مېڭىشنى تاللىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ روھىنى ساتالىسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ روھى بەك كۈچلۈك. ئاخىرىدا ھەقىقەت غەلىبە قىلىدۇ».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت