ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىمۇ داۋام قىلدۇرۇلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكوم ئىشخانىسى «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» مەركىزىي ئىشخانىسىغا قاراشلىق 21-نازارەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە چىقارغان باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە قانداق سەۋىيەدە داۋام قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى «خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتقان.

شۇنىڭدەك پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» مەركىزىي ئىشخانىسىغا قاراشلىق 21-نازارەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دائىرىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، بۇنىڭدا ئالتە چوڭ تۈر بويىچە 59 خىل يېتەرسىزلىك ۋە باشقا كۆپلىگەن كەمتۈكلۈكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قاتار يېڭى چارىلىرى تۈزۈپ چىقىلغان.

بۇ يېڭى خىزمەت لايىھەسىدە «يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىش نىشانى بويىچە قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، بۇ ھالنى ئۈچ يىلغىچە ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇش» نىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە باش يېتەكچى ئىدىيە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

يېڭى «خىزمەت لايىھەسى» دە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نىشانى مەركىزىي ئىشخانا كۆرسىتىپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تولۇق ھەل قىلغان ئاساستا «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى داۋام قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالدا بەش دەرىجىلىك سېكرېتارلار «قولمۇ-قول ئىش كۆرۈش، قاتلاممۇ-قاتلام بېسىمنى يەتكۈزۈش» روھى بويىچە بۇ خىزمەتنى ئۇزاق مەزگىل داۋام قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خىلدىكى يېڭى خىزمەت نىشانى، يېڭى خىزمەت ئۇسۇلى، يېڭى خىزمەت تەلىپى بويىچە «قارا ۋە رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» تەك خىزمەت لايىھىسى توغرىسىدا پىكىر قىلغانلاردىن د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت: «شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قارا كۈچلەرگە باغلاپ يوقىتىپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىزمەتنى يېتەرلىك بولمىغان، دەپ قارىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇندىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئامان قالمايدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بىر تۈرلۈك بېشارەت» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت