قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ھېزىم ئىزباقى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ھېزىم ئىزباقى 24‏-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبى ئارمونت سامېرسنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

بۇ، 24 ياشلىق ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئۆتكەن يىلى دۇنيا كەسپىي بوكس سەھنىسىگە قەدەم قويغاندىن بېرى 2‏-قېتىم رەقىبىنى يېڭىشىدۇر. ئۇ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئېستونىيە پايتەختى تالىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە بېلارۇسىيەلىك رەقىبى ئولېگ زابلوتىسكىينى مەغلۇپ قىلغانىدى.

ھېزىم ئىزباقى بۇ نۆۋەتلىك ئوكلاخوما شتاتىدىكى بروكېن ئارراۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئامېرىكالىق رەقىبى، 26 ياشلىق ئارمونت سامېرس بىلەن ئۇچراشقان. ئىزباقى بىلەن سامېرسنىڭ ھەر ئىككىلىسى دۇنيا كەسپىي بوكس سەھنىسىگە يېڭى قەدەم باسقان ماھىرلار بولۇپ، ئارمونت سامېرس ئىلگىرى بۇ ساھەدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىر مەيدان ئۇتقان، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان.

ھېزىم ئىزباقى ئۆتكەن يىلى بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، مۇسابىقىدە ئۇتقانىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئىككى مەيدان كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ، ھەر ئىككى مەيداندا ئۇتقان. ھېزىم ئىزباقى 1995‏-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 10-11 ياشلىرىدىن باشلاپ بوكس مەشىقىنى باشلىغانىكەن.

ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، «تىرىشچان ۋە بىر نىشاننى چىقىش قىلىشتەك خاراكتېرى ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى» ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر نىشاننى بېكىتىپ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، ئالمۇتادا ئولتۇرۇشلۇق ھېزىم ئىزباقىنىڭ دادىسى يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى، ئانىسى پېنسىيەدىكى ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى، بىر ھەدىسى بار. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئوتتۇرانچى ئاكىسىمۇ كەسپىي بوكسچى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت