ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بوكس ماھىرى بىلەن خىتاي ماھىر ئارىسىدىكى مۇسابىقە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 3-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار تەسىر تۈپەيلىدىن دۆلەتلىك بوكسچىلار ئەترىتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتنىڭ نېمىلىكىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

«ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك بوكسچىلار ئەترىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا خۇبېي ئۆلكىسىدىن كەلگەن بوكس ماھىرى ۋېن يىنخاڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بوكس ماھىرى توختاربىك تاڭلاتقان ئارىسىدىكى بىر مەيدان ئۇچرىشىش سەۋەب بولغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى ماھىر 13-ئاۋغۇست كۈنى 75 كىلوگراملىقلار بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن. مۇسابىقە جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ماھىرنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئاڭلاتقۇچى دىكتور ۋە تاماشىبىنلار تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا ئويلىمىغان يەردىن خۇبېيلىق خىتاي ماھىرنىڭ 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ماھىرنى ئۇتۇۋالغانلىقى جاكارلانغان.

بۇ كۈتۈلمىگەن نەتىجە دىكتورنى ھەم تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان. تاماشىبىنلار مەيداندىن ئايرىلماي تۇرۇۋېلىپ، بۇ مۇسابىقىدە ساختىپەزلىك ئىشلىتىلدى، دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇسابىقىدە ئاجىز ئورۇندا تۇرغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ قالغان بۇ خىتاي ماھىر خىتاي دۆلەتلىك بوكس ئەترىتى قارمىقىدا 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بۇ ئەھۋال تېخىمۇ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىغان.

مەزكۇر ۋەقە، خىتايدىكى بوكس ۋە ئىنتېرنېت تور جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ، دۆلەتلىك بوكس ئەترىتىنى بىكار قىلىپ، قايتىدىن تاللاش ئارقىلىق يېڭى بىر بوكسچىلار ئەترىتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقە، 4-ئاۋغۇست كۈنى سىچۈەنلىك ماھىر ۋاڭ گاڭ بىلەن يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ماھىر يىلانبېك ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشتىمۇ يۈز بەرگەن.

بۇ ۋەقە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى چەكلەش ئەھۋالىنىڭ خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بىر ھادىسىلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت