ئۇيغۇر يىگىتى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن «برازىليەچە ئېلىشىش» مۇسابىقىدە نەتىجە قازاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى سان جەھەتتە قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارىدا ھېسابلانسىمۇ، بىراق ئۇلار ئارىسىدا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدىن بوكس، چامباشچىلىق، ياپونچە مۇشتلىشىش، تايلاندچە مۇشتلىشىش قاتارلىق ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە دۇنيا، ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان چېمپىيونلىرى بولغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. يېقىندا ئەنە شۇنداق ئېلىشىش تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بىرى بولغان «جىئۇ-جىتسۇ»، يەنى برازىليەچە ئېلىشىش تۈرى بويىچە ئۇيغۇر ماھىرى ئارمانجان روزاخۇنوف پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ 900 دىن ئارتۇق «جىئۇ-جىتسۇ» ماھىرى قاتناشقان خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، كۈمۈش مېدال ئالغان.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئارمانجان روزاخۇنوف مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مەيداندىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئۇ ھازىر قازاقىستاندىكى «جىئۇ-جىتسۇ»، يەنى برازىليەچە ئېلىشىش ماھىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان روزاخۇنوف مەزكۇر ساھە بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ماھىر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. 

ئىلگىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، زاكىر توختىيېف، ئەخمەت جەلىلوف، ھىمىت توختاخۇنوف قاتارلىقلار بوكس، ياپونچە مۇشتلىشىش، تايلاندچە مۇشتلىشىش ۋە چامباشچىلىق بويىچە دۇنيا چېمپىيونلىرى بولغان ئىدى.

تولۇق بەت