ئۇيغۇر ئېلىدىن ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغان كادىرلار سانى تىزگىنلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن چەتكە چىقىدىغانلارنىڭ سانىنى تىزگىنلەشنى قارار قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 2015-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنىڭ كۆلىمى قاتتىق تىزگىنلىنىپ، ئۆمەك-گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ سانى 20 كىشىدىن ئاشۇرۇلمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنى تەربىيىلەش كۆلىمىمۇ قاتتىق تىزگىنلىنىدىكەن. ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ چېگرادىن چىققۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى كادىرلىرىغا قارىتا بۇنداق بىر تەدبىر ئېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارىماقتا.

چەتئەلگە چىقماقچى بولغان كادىرلارنىڭ ماتېرىيالى بۇندىن كېيىن «ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنى تەربىيىلەش سىستېمىسى» غا بىر تۇتاش يوللىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ئوڭاي بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت