ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈر گىمناستىكا چېمپىيونى بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا شتاتلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن «پېنسىلۋانىيە-ۋىرجىنىيە شتات چېمپىيونلۇقى» گۈزەللىك گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بەرنا ئارسلان.
ئامېرىكا شتاتلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن «پېنسىلۋانىيە-ۋىرجىنىيە شتات چېمپىيونلۇقى» گۈزەللىك گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بەرنا ئارسلان.
Photo: RFA

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ قىزى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ شتاتلار ئارا گۈزەللىك گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

9 ياشلىق بەرنا ئارسلان 24-26-مارت كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پېنسىلۋانىيە، نيۇجېرسى، نيۇيورك، ۋىرجىنىيە ۋە مارىلاند قاتارلىق ئالتە شتاتنىڭ ماھىرلىرى قاتناشقان «پېنسىلۋانىيە-ۋىرجىنىيە شتات چېمپىيونلۇقى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياش ئۆلچىمى بويىچە 4-دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئومۇمى تۈر بويىچە رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

پەرەز قىلىنىشىچە بۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تەنھەرىكەت ساھەسىدە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ گۈزەللىك گىمناستىكىسى بويىچە مۇنداق ئالتۇن مېدال ئالغانلارمۇ يوق ئىكەن.

بەرنا ئارسلان ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ لايكىرىج شەھەرچىسىگە جايلاشقان، ئامېرىكا دۆلەتلىك گىمناستىكا كۇلۇبى تارمىقىدىكى «دۇنيا گىمناستىكا كۇلۇبى»نىڭ ماھىرى بولۇپ، ئۇ 6 يېشىدىن باشلاپ گۈزەللىك گىمناستىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ترىنېرى ئالېنا خانىممۇ ئەسلىدە ئۇكرائىنانىڭ گىمناستىكا بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى بولغان ئىكەن، ئۇ بەرنانىڭ گىمناستىكا ساھەسىدىكى ئىستىقبالى پارلاق ۋە ئۈمىدلىك نوتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاتا-ئانىسنىڭ بىلدۇرۈشىچە، 9 ياشلىق بەرنا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، تەخمىنەن 4 سائەتلەر ئەتراپىدا گىمناستىكا مەشىقى قىلىدىكەن. ئۇ يەنە ئوقۇشتىمۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت