خىتاي ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى «ئۈچ رايوننى ئايرىش» ھەرىكىتى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلغان ھالدا «ئۈچ رايوننى ئايرىش» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ «ئۈچ رايوننى ئايرىش» دېگىنى «ھويلا-ئارامنى تۈزەش ئارقىلىق تۇرالغۇ رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى» دىن ئىبارەت «ئۈچ رايوننى ئايرىش» نى بىلدۈرىدىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۆۋەندىكىلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە ئاھالىلەرنىڭ ھويلا-ئارام تازىلىقىدا يوشۇرۇن خەۋپ ئېغىر ئىدى. قوي-كالا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئەڭ كۆپ باقىدىغان چارۋىسى، لېكىن ئادەم بىلەن چارۋىلارنىڭ مۇھىتى ئايرىلمىغان، قوتانلار قازان بېشىغا يېقىن بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادەم ۋە چارۋىلارغا ئورتاق يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى ئىدى. . . ھويلا-ئارامدا ‹ئۈچ رايوننى ئايرىش› ئادەم ۋە چارۋىلاردا ئورتاق بولىدىغان كېسەللەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلىدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مانا مۇشۇنداق «ئۈچ رايوننى ئايرىش»، «گۈزەل ئۆي قۇرۇلۇشى» دېگەن سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتى، ئۆي بېزەش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2018‏-يىلى دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ، «ئەنئەنىۋى ئۆي تۇتۇش ئادەتلىرى» نى تاشلىشى، سۇپىلىق ئۆيلەرنى چۇۋۇپ، كارىۋات، سافالاردا ياشاشتەك «زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرى» گە كۆچۈشىگە 4 مىليارد 196 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىدە جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەردە «ئۈچ رايوننى ئايرىش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي پاسوندىكى قۇرۇلۇشلارنى، مىللىي پاسونىدا بېزەلگەن ئۆيلەرنى «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دېگەن سەۋەب بىلەن چېقىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇس ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا: «بۇ ھەرىكەتنىڭ روھىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بېرىدىغان زەربىسىنى لاگېرلار بېرىدىغان زەربىدىنمۇ ئېغىر دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ بىر ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكىنىڭ بىردىن-بىر پاناھگاھى بولغان ئۆينىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت