3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ دەرسلىك مەسىلىسىگە چېتىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭككوڭدا چىقىدىغان «شىڭداۋ» گېزىتى بىلەن تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى بۈگۈن مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار ئارقىلىق «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» نى تەرغىب قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىقلار ئىكەن.

خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈزۈپ تارقاتقان «تىل-ئەدەبىيات»، «تارىخ» ۋە «ئەخلاق» دەرسلىكلىرىدە «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەلىرى تەرغىب قىلىنغانلىقى، بۇ دەرسلىكلەر ئىشلىتىلگەن 12 يىل جەريانىدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ چوڭقۇر دەرىجىدە زەھەرلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلار توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقى، ئۈچەيلەن ھەممىسى دەرسلىك كىتابلارغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئارىدىكى ئىككىسىگە «پارىخورلۇق» جىنايىتى ئارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات»، «تارىخ» ۋە باشقا قوشۇمچە دەرسلىك كىتابلىرىنى ئوقۇتۇشنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خوڭكوڭدىكى «ئەينەك» گېزىتى ساتتار ساۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلارنىڭمۇ زەربە بېرىش نىشانى بولۇشتىن ئامان قالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت