ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى باشتا كومپارتىيىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «سودا ئىچكى خەۋەرلەر» گېزىتى سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاۋۋال كوممۇنىست پارتىيىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقى دا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بىر تور بەت 2018-يىللىق ھەجىگە بارىدىغانلارنى تىزىملايدىغان بىر تور سەھىپىسى تەسىس قىلغان. ھەجگە ئىلتىماس قىلىدىغانلار تور سەھىپىسىگە كىملىك مەلۇماتلىرىنى، يېشى، خىزمىتى قاتارلىقلارنى تولدۇرىدىكەن. ھەجگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يېشى چوقۇم 50-70 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. 

تور سەھىپىسىدە يەنە، ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ چوقۇم خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن. مەزكۇر گېزىت خىتايدىكى ھەجىگە بارىدىغانلارنى تىزىملايدىغان باشقا رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرىنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك بىر ماددا بايقالمىغان. گېزىت بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. 

خەۋەردە يەنە «رۇس خۇلما تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى تىمۇسىي گرۇسنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن ھەرقانداق ئۇيغۇردىن قورقۇپ، ئۇلارنى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا سولاۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا تىزىملىكى» دىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە چىققان كىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەجگە بارغانلارنى سىياسىي ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىمالى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت