جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارىدىغان ھاۋا يوللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بويىچە ئەۋج ئالغان «ۋىرۇستىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دولقۇنىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى ھەرقايسى جايلارغا بارىدىغان ھاۋا يولى قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 46 شەھەرگە بارىدىغان ھاۋا قاتنىشى باشلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشى ۋىرۇس مەزگىلىدىكى بىر ياكى ئىككى قېتىملىق قاتناشتىن بەش ياكى ئالتە قېتىملىق قاتناشقا ئۆزگەرتىلگەن. ئورۇندۇق سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى لىنىيەلەردە بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭ ئايروپىلانلار ئىشلىتىلگەن. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاۋا يوللىرىدىمۇ ئوخشاش ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەسلىدىنلا خىتايلاردىن يۇقۇملانغان ۋىرۇس بىمارلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت