خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان رايونلاردا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىشى ھەرىكەتلەر ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە، خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان رايونلاردا كۆپلەپ خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر خىزمەتلەر توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئوتتۇرا- كىچىك تىپتىكى كارخانىلار، مىللىي ئىگىلىك، مۇلازىمەت كەسپى، ساياھەت ۋە مىللىي ئالاھىدە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى ساھەلەردىكى «خىزمەت پۇرسەتلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېزا-بازار ئىشسىزلىرىنى توپلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن.

دائىرىلەر بۇ خىزمەتنى كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئىلدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتايلاردىن ئاشمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىش تېپىشتا كەمسىتىشكە ئۇچۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت