ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆرۈلگەن ئىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 23 مىڭدىن كۆپرەك مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىر تەرەپ قىلغان 23 مىڭ 124 مەسىلە بويىچە 11 مىڭ 668 دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆرگەن.

بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە نازارەت دەرىجىلىك كادىرلاردىن 29 كىشى، ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىك كادىرلاردىن 346 كىشى، يېزا (بۆلۈم) دەرىجىلىك كادىردىن 2702 كىشى، ئادەتتىكى كادىردىن 3724 كىشى، باشقا خادىمدىن 3586 كىشى بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تازىلاش» ھەرىكىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، جازالانغان ئەمەلدارلار ئىچىدە ئاز ساندىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «پارىخورلۇق ياكى چىرىكلىك» جىنايىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ياكى «سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق» جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت