سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئازلىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭ دائىرىلىرى 3-مارت ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرمەكتە.

خەلق تورى 2-مارت بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا تامامەن تەق بولغان بولۇپ، ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەر تىزىملىكىدە خىتاينىڭ 6 دىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان تېررىتورىيىدىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. دائىمىي ھەيئەت ئەزالار تىزىملىكىدە جۈرئەت مەمتىمىن ئىسىملىك ئۇيغۇردىن باشقا ئۇيغۇر يوق.

ئۇيغۇر دائىمىي ھەيئەت ۋە ۋەكىللەر سانىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىدىن باشقا، ھەتتا ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئازايغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا كېلىدىغان ۋەكىللەر تىزىملىكىدىن ئاشكارىلىنىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن 20 دىن ئارتۇق ساھە بويىچە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. پەقەت مائارىپ ساھەسىدە بىر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى كاتېگورىيەسىدە 5 ئۇيغۇر ۋەكىل تىزىملىكىگە كىرگەن، دىنىي ساھەسىدىن 13 تىبەت ۋەكىلى بىلەن بىللە پەقەت 2 ئۇيغۇر كىرگەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە ئازلىغانلىقىدىن، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى باشقا ساھەلەردە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش، سىياسىي ساھەدىمۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىپ، پىكىر بايان قىلىش پۇرسەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق ساھەدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت