ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر 12 يېزا كادىرىغا ئىنتىزام ۋە قاماق جازاسى بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام ۋە قاماق جازاسى بېرىلگەن يېزا دەرىجىلىك 12كادىرىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن جىڭ ناھىيەلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دولقۇن تۇرئەلىگە 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

دائىرىلەر بۇ 12 كىشىنىڭ مەسىلىسى ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان سالغان تىپىك دېلولار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ 12 كادىرنىڭ پەقەت 3 نەپىرى خىتاي بولۇپ، قالغانلار ئۇيغۇرلار لوپ ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇزاكىر ئابلىز، كېرىيە كۆكيار كەنتىنىڭ باشلىقى قۇربان روزى، قاراقاش ناھىيە پىچاقچى يېزىسىدىكى كەنت سېكرېتارى ئوبۇل تۇردى، ياركەنت ناھىيىسىنىڭ ئوردۇلۇق يېزىسىدىكى كەنت سېكرېتارى مەمەت نىياز ئىمىن، ئاقسۇ دولان يولى ئىش باشقارمىسىنىڭ كادىرى قۇدرەت ئەركىن قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئۇلاردىن دولقۇن تۇرئەلى ۋە پەيزاۋاتلىق يېزا كادىرى ئابدۇكېرىم تۇردىدىن باشقىلارغا ئاساسەن ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن. ئابدۇكېرىم تۇردى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي باستۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغاچقا، رايوندا پەقەت كىچىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىلىپ، ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى پارىخورلۇق ۋەقەلىرىگە كۆز يۇمۇلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت