ئۇيغۇر رايونلۇق كۆمۈر كان ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت تۇردى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئىنتىزامى» غا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت تۇردىنىڭ «سىياسىي ئىنتىزام ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئىنتىزامى» غا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا «ئاتتىن غۇلىغان» ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئىچىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانى سەۋەبلىك ۋەزىپىىسدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق قىلىپ تىلغا ئېلىنغان تۇنجى بىر ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

مەمەت تۇردى ھەققىدىكى 30-مارت كۈنى تارقىتىلغان خەۋەردە، ئۇنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى چىققانلىقى، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تاپشۇرماي تەشكىل ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى جىنايەتتىن باشقا پارىخورلۇق، باشقىلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەت ئورنىتىش دېگەندەك جىنايەتلەرمۇ بىرلىكتە ئارتىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى يېقىندىن بۇيانقى سۆزلىرىدە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولمىغان، «ئىككى يۈزلىمىچى» ئەمەلدارلارنى تازىلاش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان ئىدى. ئۇ بۇنى «مۇقىملىق ۋەزىيىتى يارىتىشتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا»، دەپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. كۆزەتكۈچىلەر مەمەت تۇردىنىڭ دېلوسىنى دەل مۇشۇ سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

بۇندىن ئىلگىرى، خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە بىر قىسىم كادىر ۋە ئەمەلدارلار «پارتىيە بىلەن مەيدانى بىردەك بولمىدى»، «ۋەزىپىسىگە سەل قارىدى» دەپ ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت