ئۇيغۇر رايونىدا 10 نەپەر كادىر «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىككە مۇداپىئە كۈنلۈكى بولغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 10 نەپەر كادىر «قارا كۈچلەر» نىڭ «مۇداپىئە كۈنلۈكى» بولغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىل يىلنىڭ باشلىرىدا «قارا كۈچلەر ۋە رەزىلىك» كە زەربە بېرىش نامىدا يېڭى سىياسى ھەرىكەت قوزغاپ، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە كېڭەيتىلگەن. مەزكۇر ھەرىكەت ئىجتىمائىي قىلمىشلارغا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەرلىك خەلق ئىچىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي خاھىشلارغا زەربە بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ 10 كىشى «قارا كۈچلەر ۋە رەزىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۇلارغا «مۇداپىئە كۈنلۈكى» بولغان، دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان كادىرلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك 10 دېلو ئىكەن. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ھازىرغىچە زادى قانچە كادىرنىڭ شۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئاز دېگەندە 4 نەپىرى يەرلىك مىللەت، قالغىنى خىتاي بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنداقلا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىدا پۇقرالار «قارا كۈچلەر ۋە رەزىللىك» كە «مۇداپىئە كۈنلۈكى» بولغان، دەپ ھېسابلىغان يەرلىك كادىرلارنى پاش قىلىشقا تەشكىللەنمەكتىكەن. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى قاراكۈرجەك كەنتى بۇ ھەرىكەت ئەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەنتلەرنىڭ بىرىدۇر. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، مەزكۇر كەنتتە «دۈشمەنگە غەزەپ نەپرەت ياغدۇرۇش، ھەممە ئادەم زەربە بېرىشتەك قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئامماقارا، رەزىل كۈچلەرگە ئائىت جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان.» لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «قارا، رەزىل كۈچلەر» دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن مۈجىمەل بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، لاگېرلارغا قامىلىشى ياكى كېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت