ئۇيغۇر ئېلىدا بىرى ئۇيغۇر، ئىككى ئەمەلدار تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان، ئەمما سەۋەبى ئېنىق ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى مۇئاۋىن نازىرى رېن جيېلىڭ ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تاھىر ناسىرلار «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان.

جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىق باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدىمۇ بۇ ئىككىيلەننىڭ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقى كەڭ خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تاھىر ناسىر ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇدىرى، كېيىنچە مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن بولۇپ، ئۇ 2013-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

تاھىر ناسىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىككىيۈزلىمىچى كادىر» لارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى جىددىي ئەپ بېرىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت