ئۇيغۇر ئېلىدە 6 نەپەر كادىر «قارا كۈچلەر» گە چېتىلىپ جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى «قارا كۈچلەر» نى پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلماقتا.

23-ماي كۈنىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتى جايلاردىن 6 نەپەر كادىرنى ئاتالمىش «قارا كۈچلەرگە» چېتىپ جازالىغان. ئۇلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يالقۇن ئوسمان، جىڭ ناھىيە ماندان يېزا چارۋىچىلىق تەرەققىيات رايونىنىڭ ياچېيكا سېكرېتارى كادىرقان قابىل، ئاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نۇرمەمەت مامۇت، پىچان ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاھىر مەمەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دائىرىلەر يۇقىرىقى بۇ كادىرلارنى «ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، قارا ۋە رەزىل كۈچلەر شايكىلىرىنىڭ جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوغدىغان، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ھەتتا دېلونى يوق قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ زەربىدىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «قارا كۈچلەر» نىڭ كىملىكىگە ئائىت ئۇقتۇرۇشلىرىدا قارا كۈچلەرنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار ۋە جامائەتلەر، يۇرتداشلىق، تۇغقانچىلىق، دىنداشلىق رىشتىسى بويىچە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغانلار، بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان ‹ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار›، چەتئەلدىكى ‹قارا گۇرۇھ ۋە رەزىل كۈچلەر› بىلەن ئالاقىسى بارلار. . .» دەپ شەرھلىگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قارا كۈچكە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە زەربە بېرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يۇقىرىقى «قارا كۈچ» لەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان 6 ئەمەلدارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە بىر نەپىرىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولۇشىمۇ بۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت