خوتەن ۋە قەشقەردە 8 ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوتەن گېزىتىدە 24-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 8 نەپەر ئۇيغۇر يەرلىك ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان.

ئارىسىدىكى ئىككى نەپىرى قولغا ئېلىنغان. ئۇلار: خوتەن گۈجانباغ ساقچىخانىسى باشلىقى ئابلىمىت ئابدىباقى، چىرا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇلازىمەت پونكىتى باشلىقى ئىلغار ئەبەيدۇللا، قاغىلىق بەشئېرىق يېزىسى 15-كەنت بوغالتىرى مەمەتئىمىن ئابدۇقادىر، قاغىلىق ناھىيە ئۇشاقباش بازىرى بۇناق يېزىسىنىڭ يېزا ساقچىسى مۇساجان نۇرامەت، قاغىلىق ناھىيەلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى تۇراپ ئەخمەت، قاغىلىق ناھىيە مائارىپ ئىدارىسى بوغالتىرى تۇرسۇنجان مەمتىمىن، قاغىلىق ناھىيە يىلقىچى يېزىسى 12-كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى مەمەتئېزىز ئابلىز ۋە قاغىلىق ناھىيىسى چىپان يېزىسى كادىرى ئەخمەت ھەمدۇللا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

خوتەن گېزىتىدىكى خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ «پارا ئېلىش» ۋە «خىيانەت قىلىش» دېگەن جىنايەت گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ھازىر «پارتىيە بىلەن پىكىردە بىردەك بولمىغان»، «ئىستىلى ناچار»، «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، يۇقىرىدىكى بۇ 8 ئۇيغۇر كادىر-ئەمەلدارنىڭ تازلىنىشىغىمۇ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئامىلىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى، ئەمما ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان قىسمىدا پارىخورلۇق قىلمىشىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت