ئۇيغۇر ئېلىدە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان ئۇيغۇر كادىرلىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى پەرق دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن ياكى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بىلەن خىتاي ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرق دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە جازالانغان ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلولىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىچە، رايوندا يۇقىرىقى ئىككى مىللەتكە مەنسۇپ كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدىكى سەۋەبلەر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۆلۈم دەرىجىلىكتىن تاكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىككىچە بولغان ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولماسلىق» سەۋەبى بىلەن، خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ئىقتىسادىي جىنايەت» بىلەن جازالانغان ئىكەن.

خەلق تورىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىدە قەشقەر ۋىلايىتىدە 37 نەپەر يەرلىك كادىرنىڭ «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشىدا «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان» دېگەن قالپاق بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خەلق تورىنىڭ 9-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بولسا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۈرۈمچى نەسىللىك كالا فېرمىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە مەيدان باشلىقى لۇ شىنجەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا جازالانغان خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلولىرىدىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار سىياسىتىدىكى پەرقلىق ئامىللارنى ۋە قاراتمىلىقنى ئېچىپ بەرمەكتە، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت