بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان كادىرلار خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2017‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان ۋە جازالانغان ئۆلكە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىلگىرىلىگەن.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي بويىچە ئۆلكە ئورگانلىرىدىكى كادىرلاردىن 211 كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 20 كادىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان ۋە جازالانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قالسا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 2‏-ئورۇننى، خۇنەن ئۆلكىسى 3 ‏ئورۇننى ئىلگىرىلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىشىدىكى سەۋەب بۇ رايوننىڭ كەسكىن سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ يىل 1‏-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك سېكرېتارى جاڭ جىنبياۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. جاڭ جىنبياۋ «تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي ۋەزىپىسىنى تولۇق ئاتقۇرماي، ئېغىر سىياسىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. دائىرىلەر ئارقىدىنلا خوتەندە 7 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرغا چارە كۆرۈلگەن. بۇ كىشىلەر 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا يۈز بەرگەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان تازىلاشتا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

دائىرىلەر بۇ يىل يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنى تۇتۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. خوڭكوڭ ئاخباراتى ئۇنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىن‘گەندىن باشلاپ، خىتاينىڭ سىياسىتى تېخىمۇ قوپال تۈس ئالغان. نۇرغۇن يەرلىك كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت