ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر باش كاتىپى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، ھۆكۈمەت ئىش باشقۇرۇش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ئالىمجان مەمىتىمىننىڭ ئىنتىزامنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش خاتاسى بىلەن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

بۇ، شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كومپارتىيە رەھبىرى كادىرلىرى ئىچىدە تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان، ھوقۇقى ئەڭ يۇقىرى،يەنى نازىر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىر ھېسابلىنىدىكەن. شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 56 ياشلىق ئالىمجان مەمتىمىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسىپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىل يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان ۋە پەيدىن - پەي ئۆستۈرۈلگەن.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغاندىن كېين، 2013 - يىلى،ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى، ھۆكۈمەت ئىش باشقۇرۇش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت