تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي تېمىسىغا ئايلانماقتا.

خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق تايلاند ۋە مالايشىياغا قېچىپ چىققان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە جىددىي كۈنتەرتىپكە قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ يېقىندا تايلاندنى زىيارەت قىلىشى ھەمدە تايلاند باش مىنىستىرى پىرايۇت چانئۇچانىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا.

ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە ۋە بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىدا تايلاند دائىرىلىرى ئەگەردە تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىقىنى دەلىللىيەلىسە، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى مۇمكىن دېگەن خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ ھال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

تۈنۈگۈندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تايلاندنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ۋە ئەنقەرە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشچىلار تايلاند دائىرىلىرىنى ب د ت نىڭ پاناھلانغۇچىلار خىتابنامىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە ۋە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىشقا چاقىرىق قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت