ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر ئۇيغۇر ياش كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھازىر نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر ئۇيغۇر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

ئاسىيا ياشلىرى تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقىنىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر 2000 مېتىرلىق توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقە تۈرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ماھىر ئەنقەرجان ئەھمەت كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

ئەنقەرجان مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇم دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ جاپالىق مەشىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتايدىكى ۋېيبو تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئاسىيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى تەشكىللىگەن بىر مۇسابىقە بولۇپ، ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 45 دۆلەتتىن جەمئىي 2417 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت