ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جاي مەدەنىيىتى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىي دولقۇنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ماكان بوشلۇقىنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلىپ كەلگەن ئىدى. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جاي مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بىر مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەرقايسى كەنتلەردىكى قورۇ-جايلار «ياچېيكا قورۇسى»، «بېيىتىش قورۇسى» ۋە «بەخت قورۇسى» نامىدا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇلاردا «مۇلازىمەت كۆزنىكى» نامىدا مەخسۇس كۆزىتىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن شۇ قورۇدىكى كىشىلەرنىڭ كارتا ۋە كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشتەك ئىلگىرىكى كونا ئۇسۇل تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن. شۇنىڭدەك «ياچېيكا قورۇسى» ئارقىلىق شۇ قورۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش، خىزمەت، تىجارەت، تىرىكچىلىك دېگەندەك پۈتۈن ئىشلىرىغا «كومپارتىيە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك» قىلىدىغان ۋە «مەسلىھەت بېرىدىغان» يېڭىچە تەرتىپنى ئورنىتىپ چىققان.

خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان «بەخت قورۇسى» دا ياشىنىپ قالغان كىشىلەر «كۈتۈنۈش مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش» نامىدا بىر قورۇغا توپلانغان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلار «بۇلار پەرزەنتلىرى ئائىلە بويىچە لاگېرلارغا قامالغان ھەمدە ئىگە-چاقىسىز قالغان كىشىلەر بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن» دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نامدا «بەخت قورۇسى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە لاگېر سىرتىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى قورۇلارغا توپلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشنى كۆزلىگەن لايىھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت