«شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى «شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتۇش ئەنجۈرى، قۇمۇل قوغۇنى، ‍ئاقسۇ ئالمىسى، تۇرپان ئۈزۈمى قاتارلىق مېۋىلەر شەندوڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىدىكەن. ئۇلار بۇنىڭدا «بۇ مېۋىلەر دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ، ئەمما قاتناش ۋە يۆتكەش ھالقىلىرىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كەڭ بازارغا يۈزلىنەلمىگەن» دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باققاللىقتىن بېيىغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر بايلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ باغ-ۋارانلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرى ئىگىلىۋالغان. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتمۇ-قات كونتروللۇق تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان بولغاچقا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مېۋە يۆتكىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغان.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھاكىمىيىتى ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاپ كېتىشتىن باشقا ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز-تولا پۇل تاپىدىغان مۇشۇنچىلىك ئىمكانىيىتىنىمۇ قويماسلىقى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ نامرات قالدۇرۇشتەك مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئاشكارا ئېچىپ بېرىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت