ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئېتنىك تازىلاش» توغرىسىدا «سولچى» لارغا تەۋسىيە سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەر خىل مۇنبەرلەردە تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىمۇ ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك قىسمەن پىكىر ئىختىلاپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىماقتا. دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىدلەپ كەلگەن بىر قىسىم دېموكراتچىلار، يەنى «سولچىلار» نىڭ ئۇيغۇرلار «ئېتنىك تازىلاش» قا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي مىنۇتلاردا نېمىلەرنى قىلىشى ھەققىدە يېقىندا بىر يۈرۈش تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دەنىيېل بېسنار ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى ئىساك ستون فىش ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى ئەمەس، «ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن دېموكراتلارنىڭ دونالد ترامپنى «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» دەپ تەنقىدلەۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېغىر زۇلمەتكە مەھكۇم قىلىشىغا قارىتا دېموكراتلارنىڭ ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە تۈزۈك بىر پائالىيەتتە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە بىر مىليونچە ئۇيغۇر «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش» تە يېتەرلىك «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى نامايان قىلالمىغان ياكى چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مىليونچە خىتاي كادىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «تۇغقان بولۇش» قا بېرىش ئارقىلىق لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەسەبىي» ھەرىكەتلىرىنى 24 سائەت نازارەت قىلغان.

ئاپتورلار مۇشۇ خىلدىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇدھىش سىياسەتلەرگە نىسبەتەن قوراللىق ئارىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىقلارنىڭ يادىغا سېلىشى، شۇ ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىدا خىتايغا قارىتا بىر بېسىم ھاسىل قىلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك زۆرۈر بولسا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەينى ۋاقىتتا يەمەن ۋە ئۇكرائىنغا ئەۋەتكەندەك ئۇيغۇرلار دىيارىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى لازىم ئىكەن.

ئۇلار يەنە «سولچىلار» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئامېرىكىدىكى ئاۋام خەلق ئارىسىدا تەشۋىق قىلىشى، كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغاندەك دېموكراتچىلارمۇ پائال تۈردە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۈرەتلىك ماتېرىياللار بەكمۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، كۆپ قىسىم ئەھۋاللار يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزلىرى قولغا چۈشۈرگەن بىر قىسىم مەخپىي سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىشىنى، مۇشۇ سۈرەتلەر ئاساسىدا لاگېر شاھىتلىرى بىلەن گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئېچىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەبۇ غەرب تۈرمىسىنىڭ ئەھۋالىنى جانلىق پاش قىلغاندەك پاش قىلىشىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتورلار تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىشى، ھۆكۈمەتتىكى «سولچىلار» نىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىدىغان مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلىشىدۇر.

ئاپتورلار يەنە بۇ خىل باستۇرۇشلارغا ۋاسىتىلىك ھالدا ئارىلىشىپ قالغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى جازالاش، ئامېرىكىدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش» پىرىنسىپىنى تەنقىدلەش قاتارلىقلارنىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت