پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد يېقىندا لوس-ئانجېلىس شەھىرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، جەيمىس مىلۋارد دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە 1 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بىر يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقىدەك دەرىجە ۋە كۆلەمگە ئۇلىشىشىنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

جەيمىس مىلۋارد دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي ئەر كادىرلارنىڭ يەرلەشتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرىقى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

جەيمىس مىلۋارد يېقىندا «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ‹قايتا-تەربىيەلەش›» ناملىق كىتابىنى نەشرگە تەييارلىغان ئىدى. 2-ئايدا رەسمىي تارقىتىلىدىغان بۇ كىتابتا لاگېرلارنىڭ كۆلىمى، تۇتقۇنلارنىڭ سانى، ئۇنىڭ فونكىتسىيەسى قاتارلىق تەپسىلاتلار پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قانداق پەردازلەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ ماھىيىتى، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، بۇ لاگېرلارغا قاماشتەك بۇ يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىياسىي، تارىخىي، خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشى تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت