ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇنبىرى «Share America» دا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «Share America» ناملىق تور مۇنبىرىدە بۈگۈن مەخسۇس ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە كەڭ كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلىندى. «ئۇيغۇرلار كىم؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەڭ جۇغراپىيەلىك رايوندا ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كەلگەن تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى، خىتايچە «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىدەك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل ھالدا مىللىي كەمسىتىش ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا مىليونلاپ خىتاينى كۆچۈرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تەڭسىز سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغانلىقى، گاھىدا زوراۋانلىق ھادىسىلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رادىكاللىق» قا ۋە «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭدىن 2-مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىيناۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدە «ئۇيغۇرلار ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن ساقچى دۆلىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇلتۇر 10-ئايدا مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە لاگېرلار ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ لاگېرلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا قىلىنىۋاتقان بۇ چەكلىمىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ» دېگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت