ئەل ئەزھەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامىزانلىق دىنىي چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى مەشھۇر ئىسلام بىلىم يۇرتى-مىسىر ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش ئىمامى، خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلىپ، ئاشخانا-رېستۇرانلارنى كۈندۈزى تاقاشنى چەكلىگەن.

ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەل-ئەزھەر ۋە ئىمام ئەخمەت ئەل تاييىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتىكى شىنجاڭ رايونىدا رامىزان جەريانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى، دىنىي زۆرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ. ئەل-ئەزھەر خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق بېسىمنى رەت قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ مەزكۇر ئىسلام بىلىم يۇرتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رامىزان چەكلىمىسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلىشى. ئىلگىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدىكى ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇ يىلقى رامىزاندا ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-كەنتلەر يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، روزا تۇتۇشنى ۋە باشقا ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەر دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن دىنىي زاتلار بۇ تەدبىرلەر ئىسلامنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت