«گالاتا ساراي» كۇلۇبىنىڭ پۇتبۇلچىسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن بىرى بولغان «گالاتا ساراي» پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئالجىرىيەلىك سوفيان فېگۇلى 17-ئىيۇن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا خەشتەگ بىلەن ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» 19-ئىيۇن خەۋەر ئېلان قېلىپ، پۇتبولچى سوفىياننىڭ بۇ خەشتەگ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈركىي مۇسۇلمان توپلۇقلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى دوكلاتىدا بېيجىڭنى ئۇيغۇرلارغا قارشى «سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

سوفيان فېگۇلى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىقلاردىن ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «ئارسېنال» كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىلنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يوللىغان قىسقا باياناتى دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت