«خەلقئارا ئاممىۋى رادىيوسى» : دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك ئەمەس

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى داڭلىق رادىئو قاناللىرىدىن بىرى بولغان «خەلقئارالىق ئاممىۋى رادىيوسى» 22-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ «دۇنيا» سەھىپىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

رىياسەتچى ماركو ۋېرمان ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەلئارالىق تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى «بارلىق كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈردى» دەپ لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقاندا تازىلىق شارائىتى ناچار بولغان لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت