«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا قارشى خەلقئارالىق نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» (NewsWeek) تورى 8-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى ھەققىدە توختالدى.

خەۋەردە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرىنىڭ ئوپئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يەنى «نوپۇس قىرغىنچلىقى» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغان قويۇلغان.

ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار گەرچە پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران ئىككى پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدىلا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 24 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەقەت ئۈچ پىرسەنتىنىڭلا پەزرەنتلىك بولغانلىقى، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇلارنىڭ نۇپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيىتىنى ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان شۇنداقلا خىتايغا قارشى خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى «كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قىلىنغان زوراۋانلىق» دېگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۈستىلىدىكى مۇھىم دوكلاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ دوكلات بەلكىم ب د ت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت