ئۇيغۇر سەبىلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ جۇدالىق ھەسرىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ژۇرناللاردىن بولغان «دەۋر» ژۇرنىلىمۇ 16-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا ئەگىشىپ، غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ دارىلئېتام ياكى ياتاقلىق مەكتەپ نامىدىكى مۇئەسسەسىلەرگە بەند قىلىنغانلىقى، بالىلارنى مۇشۇنداق جايلارغا يىغىۋېلىشقا كىمنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىكى ياكى ئۇلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشقا قايسى ئورۇننىڭ ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق كىشىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقى ئالاھىدە ئېيتىلىدۇ.

ئوبزوردا بۇ خىلدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ھاياتى «بالىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى بەدىلىگە داۋام قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىقى 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر سەبىيلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە تىلدا تەڭلا ئېلان قىلىشى بۇ ساھەدىكى بىر يېڭىلىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت