ئانتونىيو گۇتېرېس: «مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىمىگەنلىكىم يالغان»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالدىنقى كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، خەلقئارا قانۇنشۇناسلار كېڭىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە گۇتېرېسقا خەت يېزىپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان شۇنداقلا ئۇنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، گۇتېرېس بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى قاتتىق رەت قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇتېرېس چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا خىتايغا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «مەن بۇ مەسىلىدە ئۆزۈمنى ئىنتايىن كەسكىن بولدۇم، دەپ قارايمەن. مېنى پەرقلىق دىپلوماتىك مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلەر قەتئىي توغرا ئەمەس» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي تەرەپكە پۇقرالارنىڭ ئۆز كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا شۇ جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم، دېدىم. مەنچە، بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق سىگنال بولمىسا كېرەك.»

گۇتېرېس مۇخبىرنىڭ «ئۇنداقتا، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى تاقىلىشى كېرەك دېگەن سىگنالنىمۇ بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا «بۇ دېگەنلىك كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ھەممە نەرسە بەجا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك دېگەنلىك بولىدۇ،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېس بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان. ئەينى چاغدىمۇ ئۇنىڭغا بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش چاقىرىق قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەقىقەتەن ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە گۇتېرېس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي تەرەپكە يەتكۈزدى، دېگەن ئىدى.

ھالبۇكى، يۇقىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى 17-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە ئانتونىيو گۇتېررېستىن خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىتى ۋە رايوندىكى «سىياسىي تەربىيە» لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش ھەققىدە خىتاينى خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئوچۇق-ئاشكارا ھەم كەسكىن ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت