فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئۆمەك ئەۋەتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون 22-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۇيغۇر رايونىغا ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.

ماكرون سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق غەربنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئىدىيىسى ئەمەس، بەلكى بۇ مەزكۇر تەشكىلاتىمىزنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ پرىنسىپ ۋە ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان، شۇڭا ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئۆمەك ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.»

بۇ خەۋەردە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇنى «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، «ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر ۋە تېررورىزمنى يوقىتىپ، كىشىلەرنى تېخنىكالىق تەربىيەلەۋاتىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت